Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 دېمەك، مۇھىمى تېرىغۇچى ياكى سۇغارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆستۈرگۈچى خۇدادۇر. چۈنكى، پەقەت خۇدالا سىلەرنى ئېتىقاد جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرەلەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:7
12 Referans Kwoze  

«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن. سىلەر بولساڭلار شاخلىرىسىلەر. كىم مەندە بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭدا بولىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدا ياقتۇرىدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەنسىز قىلالمايسىلەر.


ئەگەر كىمدەكىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمىسە، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئەمەلىيەتتە قالتىس ئەمەس.


لېكىن، ئۇ ماڭا: «مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئاجىز چاغلىرىڭدا تولۇق ئىپادىلىنىدۇ» دېدى. شۇڭا، ھاياتىمدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتى ئىپادىلەنسۇن دەپ، ئاجىزلىقلىرىمدىن خۇرسەنلىك بىلەن ماختىنىمەن.


بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە، بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.


گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.


زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»


قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ھېچبىر ئىشنى قىلالمايدۇ، ئۇلار خۇددى شامالغا ئوخشاش يوقلۇقتۇر.»


يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.


ئى رەببىمىز، مېھرىڭ بىزگە يار بولسۇن، مەدەت قىلغىن، ئىشلىرىمىز ئوڭ بولسۇن، قوللىرىمىز بەرىكىتىڭگە لىق تولسۇن.


مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئېتىقاد ئۇرۇقىنى تېرىدىم، ئاپوللوس سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى سۇغاردى، بىراق قەلبىڭلاردىكى ئۇرۇقنى ئۆستۈرگۈچى يەنىلا خۇدادۇر.


تېرىغۇچى بىلەن سۇغارغۇچىنىڭ ئىشى ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مەقسىتى بىردۇر ۋە ھەر ئىككىسى قىلغان ئەجرىگە يارىشا خۇدانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ.


ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite