Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئېتىقاد ئۇرۇقىنى تېرىدىم، ئاپوللوس سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى سۇغاردى، بىراق قەلبىڭلاردىكى ئۇرۇقنى ئۆستۈرگۈچى يەنىلا خۇدادۇر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:6
29 Referans Kwoze  

روناق تاپار مەردلەر، سۇ بەرگەنلەرگە سۇ بېرىلەر.


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېيىشىدىن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن خۇدانىڭ ئەلچىسى ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار مېنىڭ رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟


تۇپراق مايسىنى ئۈندۈرگەندەك، باغ تېرىغاننى ئۆستۈرگەندەك، پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا، ھەققانىيلىقنى ئۆستۈرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ.


ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ،


ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى.


سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنى بىز سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت بىلەن، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى سىلەر بىلىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن ئىدى.


يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.


پاۋلۇس ئۇلار بىلەن ئامانلاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىچىدە ئۆزى ئارقىلىق قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي مەلۇم قىلدى.


بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ سۆز قابىلىيىتى ئۈستۈن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلى ساۋاتى بار ئىدى.


ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە تىياتىرا شەھىرىدىن كەلگەن لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. سۆسۈن رەڭلىك رەخت ساتىدىغان لىديا گەرچە يەھۇدىي بولمىسىمۇ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. خۇدانىڭ ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشى بىلەن، ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلدى.


ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار.


خۇدا دېدىڭ: «كۈچ-قۇدرەت مەنسۇپتۇر ماڭا.» تەكىتلىدىڭ: «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت تەۋەدۇر ماڭا.» بەرھەق، سەن قايتۇرىسەن ھەربىر ئىنسانغا، قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا.


ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.


ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قانداق يول ئېچىپ، ئۇلارنىمۇ ئېتىقادى ئارقىلىق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.


دېمەكچى بولغىنىم، ئاڭلىسام بەزىلىرىڭلار «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار بولسا «مەن پېترۇس تەرەپدارى»، يەنە بەزىلىرىڭلار «مەن ئەيسا مەسىھ تەرەپدارى» دەپ يۈرۈپسىلەر.


دېمەك، مۇھىمى تېرىغۇچى ياكى سۇغارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆستۈرگۈچى خۇدادۇر. چۈنكى، پەقەت خۇدالا سىلەرنى ئېتىقاد جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرەلەيدۇ.


شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ھەر دائىم قەلبىڭلاردا بولغاي، ھاياتىڭلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملەنگەي.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite