Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:3
17 Referans Kwoze  

ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەر خىل رەزىللىكلەر بولىدۇ.


چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يۈرسەڭلار، ئۆزۈڭلارنىمۇ ۋەيران قىلىسىلەر.


يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن.


بىرىنچىدىن، سىلەر ئىبادەتكە جەم بولغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم.


قېرىنداشلىرىم، كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئاڭلىشىمچە، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن.


ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار.


بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ھاياتىڭلارنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىسىلەر.


لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى. شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.


قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن.


بىرىڭلار: «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، يەنە بىرىڭلار: «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسەڭلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان كىشىلەردىن نېمە پەرقىڭلار بولسۇن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite