Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21-22 شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم: «مەن بۇ كىشى ياكى ئۇ كىشىنىڭ تەرەپدارى» دەپ ماختانمىسۇن. چۈنكى، مەيلى پاۋلۇس، ئاپوللوس ياكى پېترۇسلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، سىلەر ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كىشىلەردۇر. ھەتتا بۇ دۇنيا، ھايات-ماماتلىق، ھازىر ياكى كەلگۈسى بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:21
12 Referans Kwoze  

ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟


قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا ئۆزۈمنى ۋە ئاپوللوسنى مىسال قىلدىم. مېنىڭ مەقسىتىم، سىلەرنىڭ «مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغانلارغا خىلاپلىق قىلماڭلار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، بىرىمىزنى يەنە بىرىمىزدىن ئۈستۈن باھالاپ ماختانماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر.


خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز.


غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ.


خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن بولغان.


بىز قەيەرگە بارساق، ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى جاكارلايمىز. ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىز پەقەت ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلارمىز.


بىز تارتىۋاتقان مۈشكۈلچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈندۇر. بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەشەككۈرلىرى خۇداغا ئېيتىلىپ، خۇدا تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىدۇ.


ئېفىيوپىيەگە ئۈمىد باغلىغان ۋە مىسىرنى چوڭ بىلىپ ئۇنىڭغا تايانغانلار بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ ۋە خىجىل بولىدۇ.


قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite