Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان ماتېرىياللىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە، ئۇ كىشى خۇدادىن ئىنئام ئالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:14
12 Referans Kwoze  

تېرىغۇچى بىلەن سۇغارغۇچىنىڭ ئىشى ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مەقسىتى بىردۇر ۋە ھەر ئىككىسى قىلغان ئەجرىگە يارىشا خۇدانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.


ھازىر مەن ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە بىر ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن. چۈنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر يېتەكچى ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ نامايان قىلىدىغان شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولغۇچىمەن. يېتەكچى سۈپىتىمدە سىلەر يېتەكچىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،


سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلاردا ئاخىرغىچە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن بەك خۇشال بولىمىز. رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز دەل سىلەر ئەمەسمۇ؟


دانا يولباشچىلار ئاسمان گۈمبىزىدەك نۇرلۇق بولىدۇ، كىشىلەرگە توغرا يول كۆرسەتكەنلەر يۇلتۇزلاردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ.


مەن خۇدا يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدىم، يەنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم.


ئەگەر خۇش خەۋەرنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تارقاتقان بولسام، خۇدادىن ھەق ئېلىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن، خۇدا بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغانىكەن، مەن بۇنى بىر مەسئۇلىيەت، دەپ ئورۇندايمەن.


ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ باقسۇن. پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بولسا، پەخىرلەنسۇن. ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite