11 چۈنكى، ھېچكىم قويۇلۇپ بولغان ئۇلدىن، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردىن باشقا ھېچقانداق ئۇل قويالمايدۇ.
ھەممىمىز خۇدا سېلىۋاتقان بىنا بولۇپ، ئەلچىلەر بىلەن پەيغەمبەرلەر بۇ بىنانىڭ ئاساسى، ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنىڭ ئۇل تېشىدۇر.
ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئون تېغىغا بىر تاش قويىمەن، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەن قىممەتلىك تاشتۇر، ئۇ مۇستەھكەم بىر ئىمارەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر، بۇ تاشقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغان ئادەم خاتىرجەم تۇرىدۇ.
بىراق، خۇدا قۇرغان ئۇل ئۇل - ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭدا مۇنۇ سۆزلەر مۆھۈرلىنىپ يېزىلغان: ╟رەببىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى تونۇيدۇ╚، ╟ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن.╚
ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ.
مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىنى خۇددى بىر ئۇستا قۇرۇلۇشچىدەك قويدۇم. باشقىلار سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق بۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سېلىۋاتىدۇ. بىراق، ھەركىم بۇ ئىمارەتنىڭ توغرا سېلىنىشىغا دىققەت قىلسۇن.
بىر كىشى توغرا تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش ياكى باشقا چىداملىق ۋە قىممەتلىك تاشلارنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ. لېكىن، بىر كىشى نامۇۋاپىق تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ياغاچ، سامان ياكى قومۇشتىن ئىبارەت ئاسان كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ.
ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىسىنىڭ تىرىك ئۇل تېشىدۇر. كىشىلەر ئۇنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى تاللىدى ۋە قەدىرلىدى. شۇڭا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە يېقىنلىشىڭلار.