Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 قېرىنداشلار، مەن ئاراڭلاردا بولغان چېغىمدا، سىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاۋاتقانلارغا تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەلمىدىم. ئەكسىچە، سىلەرگە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا ياكى ئېتىقاد جەھەتتە خۇددى بوۋاقلارغا ئوخشاش ئادەملەرگە سۆزلىگەندەك سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 3:1
11 Referans Kwoze  

چۈنكى، پەقەت سۈتكىلا تايىنىدىغانلار بوۋاقتىن پەرقسىز بولۇپ، ئۇلاردا ھەققانىيەت ھەققىدىكى تەلىملەرنى ئىگىلەش تەجرىبىسى كەمدۇر.


ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىزنىڭ يەتكۈزۈۋاتقانلىرىمىزدا دانالىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ دانالىق دۇنيانىڭ دانالىقى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلىرىنىڭ دانالىقىمۇ ئەمەس؛


قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.


تەۋرات قانۇنى خۇدادىن چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق، گۇناھكار تەبىئىتىمنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان مەن بولسام گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىدۇرمەن.


ئەزىز بالىلىرىم، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىندى.


قېرىنداشلار، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرىنىڭ ھازىرمۇ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن سىلەر ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا قاراپ: - يوقال كۆزۈمدىن، شەيتاندەك سۆزلەۋاتىسەن! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭ، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، - دېدى.


ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزىنى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچى ياكى ئېتىقاد جەھەتتە يېتىلگەن دەپ قارىسا، ئۇ مېنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمنىڭ رەببىمىزنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite