كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان دانالىقىدۇر. بۇ دانالىقنى خۇدا دۇنيانى يارىتىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئالدىنئالا بەلگىلىگەن. Gade chapit la |
ھازىر مەن ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە بىر ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن. چۈنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر يېتەكچى ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ نامايان قىلىدىغان شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولغۇچىمەن. يېتەكچى سۈپىتىمدە سىلەر يېتەكچىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،
قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ.