Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، دۇنيادىكى دانالاردىن ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز. بىز بۇنداق سۆزلەر بىلەن خۇدادىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىمىز.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:13
14 Referans Kwoze  

مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، تەلىم بەرگىنىمدە، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلايدىغان، سىلەرنى قايىل قىلالايدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. لېكىن، مۇقەددەس روھ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە ئىشەنچ بەردى.


لېكىن، قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.


ئەيسا مەسىھ مېنى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ناتىقلىق قىلىپ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. ئەگەر مەن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتسەم، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.


قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە جاكارلىغىنىمدا، ناتىقلىق قىلغىنىم يوق، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلىغان سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتكىنىم يوق.


خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ.


ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار.


بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە قايتا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنمىز.


سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار.


بىر كىشى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىسە، ئۇ باشقىلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن تۈرلۈك سىرلىق ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق روھىي ئۇرۇق چېچىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتە ھوسۇل ئېلىش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟


چۈنكى، نېمە دېيىشىڭلارنى مۇقەددەس روھ شۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆگىتىدۇ.


ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite