Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بىز بولساق بۇ دۇنيانىڭ ئاقىللىقىنى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قوبۇل قىلدۇق. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى چۈشىنەلەيمىز.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:12
17 Referans Kwoze  

سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.


سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھتىن مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار ھەقىقەتنى بىلىسىلەر.


يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.


چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى.


مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟


ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟


پەرىشتە ماڭا: - بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ روھىغا ئىلھام بەرگەن پەرۋەردىگار خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، - دېدى.


ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار.


ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىزنىڭ يەتكۈزۈۋاتقانلىرىمىزدا دانالىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ دانالىق دۇنيانىڭ دانالىقى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلىرىنىڭ دانالىقىمۇ ئەمەس؛


لېكىن، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاقىل سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى نادان ھېسابلانغانلارنى تاللىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈچلۈك سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئىنسانلار ئاجىز دەپ قارىغانلارنى تاللىدى.


چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite