Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە جاكارلىغىنىمدا، ناتىقلىق قىلغىنىم يوق، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلىغان سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتكىنىم يوق.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 2:1
23 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھ مېنى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ناتىقلىق قىلىپ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. ئەگەر مەن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتسەم، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.


بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، دۇنيادىكى دانالاردىن ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز. بىز بۇنداق سۆزلەر بىلەن خۇدادىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىمىز.


مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، تەلىم بەرگىنىمدە، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلايدىغان، سىلەرنى قايىل قىلالايدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. لېكىن، مۇقەددەس روھ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە ئىشەنچ بەردى.


شۇڭا، رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇر.


بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.


لېكىن مۇسا: _ ئى ئىگەم، مېنى ئەيىبكە بۇيرۇما، مەن ئەزەلدىنلا سۆزمەن ئادەم ئەمەسمەن. مەن سەن بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداقمەن، مەن مانا مۇشۇنداق تىلى ئېغىر ئادەممەن، _ دېدى.


گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.


يۇھاننا خۇدانىڭ سۆزى - ئەيسا مەسىھ بەرگەن گۇۋاھلىققا، كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى.


ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇنى بىز كۆردۇق ھەم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.


ئۇ ۋاقىتتا، رەببىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە مەدھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا، سىلەرمۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، رەببىمىزنى مەدھىيىلىگەنلەر ئارىسىدا بولىسىلەر.


بۇ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.


بۇ ئالامەتتە مەن رەببىم ئەيسانى كۆردۈم. ئۇ ماڭا، «يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دېدى.


يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم.


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.


مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە سەۋر-تاقەتكە ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم.


بۇ تەلىملەر مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان خۇدا تەرىپىدىن ماڭا ئامانەت قىلىنغان ئۇلۇغ خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان.


دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ.


بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر.


ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان دانالىقىدۇر. بۇ دانالىقنى خۇدا دۇنيانى يارىتىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئالدىنئالا بەلگىلىگەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite