8 لېكىن، ئورما ھېيتىغىچە ئەفەس شەھىرىدە داۋاملىق تۇرماقچىمەن.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.
تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىڭلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كۈزدە ھوسۇلۇڭلارنى يىغقىنىڭلاردا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.
مەن ئەفەس شەھىرىدە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئاشۇ رەقىبلەر بىلەن ئېلىشتىم. ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، مېنىڭ شۇنداق قىلغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولاتتى؟ ئەگەر ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا «بەرىبىر ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولاتتى!
ئۇلار ئەفەس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، پاۋلۇس پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا بىلەنمۇ خوشلاشتى. ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
پاۋلۇس ئۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلارغا: - خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن، - دېدى، ئاندىن ئەفەستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.
ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ،
ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پاۋلۇس ئەفەستە توختىماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورما ھېيتىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.