Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 16:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ھېچكىم ئۇنىڭغا سەل قارىمىسۇن. ھەممىڭلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى يېنىمغا ساق-سالامەت يولغا سېلىپ قويۇڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ باشقا قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 16:11
10 Referans Kwoze  

باشقىلار سېنى ياش، دەپ ساڭا سەل قارىمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، ئەمەلىيىتىڭدە مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بول.


يېرۇسالېمدىن كەلگەنلەر ئۇ يەردە ئازراق ۋاقىت تۇرۇپ، يېرۇسالېمدىكى ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ قېشىغا قايتتى. ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ئۇلارنى ئۇزىتىپ، سەپىرىگە ئامانلىق تىلىدى.


سەن بۇ تەلىملەرنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۆگەت. ئۇلارغا ئىلھام بەر ھەم پۈتۈن ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تۈزەت. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن.


تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا، ئۇنىڭ قورقماي، ئەركىن-ئازادە بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.


بەلكىم يېنىڭلاردا بىر مەزگىل تۇرۇشۇم ۋە ھەتتا قىشنى سىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشۈممۇ مۇمكىن. كېيىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر.


ئۇلار بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈتۈۋېلىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ھالدا ئۇلارنىڭ سەپىرىگە ياردەم بەرسەڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، - دېدى.


شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىك ۋەقەسىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite