Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 16:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا، ئۇنىڭ قورقماي، ئەركىن-ئازادە بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 16:10
11 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.


ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك.


خىزمەتدىشىم تىموتىي ۋە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكى، ياسۇن ھەم سوسىپاتېرلاردىن سىلەرگە سالام.


مانا شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر.


بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھكە ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، جۈملىدىن يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە سالام.


ھېچكىم ئۇنىڭغا سەل قارىمىسۇن. ھەممىڭلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى يېنىمغا ساق-سالامەت يولغا سېلىپ قويۇڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ باشقا قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ياردەمچىلىرىدىن تىموتىي بىلەن ئېراست ئىككىيلەننى ئۆزىنىڭ بېرىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە قالدى.


پاۋلۇسلار دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ كىرىپ ئۆتتى. لىسترادا تىموتىي ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئايال ئىدى، ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite