7-8 ئەيسا مەسىھ كېيىن ئىنىسى ياقۇپقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئەلچىلەرگە، ئەڭ ئاخىرىدا خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك كۆرۈمسىز بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى.
شاگىرتلار بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ: - سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، - دېدى.
ئۇلار دەرھال يولغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇ يەردە باشقا ئەلچىلەر ۋە شاگىرتلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ: «رەببىمىز راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمۇنغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.
پېترۇس كۆپچىلىككە ئاۋاز چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: - بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، - دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى.