5 ئاۋۋال پېترۇسقا، ئاندىن كېيىن ئون ئىككى ئەلچىنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغىمۇ كۆرۈندى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تەرسالىقىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلگەندىن كېيىن كۆرگەنلەرنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنىدى.
دېمەكچى بولغىنىم، ئاڭلىسام بەزىلىرىڭلار «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار بولسا «مەن پېترۇس تەرەپدارى»، يەنە بەزىلىرىڭلار «مەن ئەيسا مەسىھ تەرەپدارى» دەپ يۈرۈپسىلەر.
ئەندەر ئاكىسىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: - يۇھاننانىڭ ئوغلى سىمۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ «كىفاس» بولسۇن، - دېدى. («كىفاس» گرېك تىلىدىكى «پېترۇس» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ، «قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)
رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟