16 ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭمۇ تىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ھەتتا بىزنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقىمىزمۇ يالغان بولغان بولاتتى. چۈنكى، بىز خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدامۇ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى.
ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار ئەھمىيەتسىز بولۇپ، گۇناھلىرىڭلار تېخىچە كەچۈرۈلمىگەن بولاتتى.
خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.
ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەرنىڭ ئۇلار ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلگىنى بىكار بولىدۇ.