Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 14:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۇنىڭدەك، ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەسىلەن نەي ياكى چىلتارمۇ ئېنىق ئاھاڭ چىقارمىسا، ھېچكىم ئۇنىڭ چېلىنىۋاتقان مۇزىكا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغۇ؟

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 14:7
7 Referans Kwoze  

جەڭ كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، ھېچكىم جەڭگە ھازىرلانمايدىغۇ؟


گەرچە مەن يەر-يۈزىدىكى ھەرقانداق تىلدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلىسەممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، سۆزلىرىم قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان داقا-دۇمباق ياكى يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىدەك بولۇپ قالىدۇ.


ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ.


«بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، ھازىمۇ تۇتمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، نەي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىدۇ.


ئەمدى قېرىنداشلار، ئەگەر مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، ئۆز تىلىڭلاردا سىلەرگە خۇدا تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنى، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم، ۋەھىي ياكى بىرەر تەلىم يەتكۈزمەي، پەقەتلا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇنداق نامەلۇم تىلدا سۆزلىسەم، سىلەرگە نېمە پايدام بولسۇن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite