كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 14:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 شۇڭا، ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. Gade chapit la |
يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ.
قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.