Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 14:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 شۇڭا، سىلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان قابىلىيەتلەرنى ئىگىلەشكە تېخىمۇ كۆپ ئىنتىلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 14:12
9 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.


شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەتنى قوغلىشىڭلار ھەمدە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەرگە، بولۇپمۇ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىگە قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىڭلار.


سىلەر كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان قابىلىيەتلەرنى قوغلىشىڭلار. لېكىن، سىلەرنىڭ بۇ قابىلىيەتلەرنى ياخشى ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈن، مەن ئاۋۋال سىلەرگە ھەممىدىن ياخشى بىر يولنى كۆرسىتەي.


پۈتۈن جامائەتچىلىكنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ھەربىرىمىزگە ئالاھىدە قابىلىيەت ئاتا قىلىدۇ.


ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئاتايلى.


ھەممىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەنگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولىدىغان بىرەرسى بولمىسا، ئۇ چاغدا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشتىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتى كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ.


شۇڭا، ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite