11 بىراق، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەم، ئۇ ماڭا يات بولىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا يات بولىمەن.
ئارال خەلقى بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ چاغدا، يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى.
بۇ يېڭى ھاياتتا بىزنىڭ يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان، مەدەنىيەتسىز ھەتتا ياۋايى، قۇل ياكى ھۆر بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ بولسا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.
مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن: «غەيرىي تىللاردا سۆزلەيدىغانلار ئارقىلىق، يات مىللەتلەرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق سۆزلەيمەن خەلقىمگە. بىراق، ئۇلار يەنىلا ئىتائەت قىلماس ماڭا.»
چۈنكى، مەن ھەرقانداق ئادەمگە، مەيلى ئۇ مەدەنىيەتلىك ياكى مەدەنىيەتسىز بولسۇن، بىلىملىك ياكى بىلىمسىز بولسۇن، ھەممىسىگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە قەرزدارمەن.
يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم جەزمەن بىر قاتىل! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «تەقدىر» ئۇنىڭ ياشىشىغا يول قويمىدى، - دېيىشتى.
شۈبھىسىزكى، دۇنيادا خىلمۇخىل تىللار بار ھەم ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىكسىز ئەمەس.