5 مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ.
ھەركىم پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتىنى كۆزلىسۇن.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.
باشقىلار ئۆز ئىشلىرىنىلا ئويلاپ، ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ.
قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.
قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.
بۇنىڭدىكى مەقسەت، تەندە پارچىلىنىش بولمىسۇن، ئەكسىچە ئەزالار بىر-بىرىگە ئوخشاش ئېتىبار بەرسۇن، دېگەندىن ئىبارەت.
دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى.
ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى، مەن ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمەن.
بىرىنچىدىن، سىلەر ئىبادەتكە جەم بولغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرغان پەرىسىي بۇنى كۆرۈپ، ئىچىدە «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە قولىنى تەگكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى!» دەپ ئويلىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.
بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر. چۈنكى، بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا، ھۇرۇنلۇق قىلىپ، لاغايلاپ يۈرمىگەنىدۇق.
ئەگەر بىر كىشى ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئارتۇقچە ساقلىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىغان بولسا ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ قىزغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشنى قىلسۇن، يەنى ئۇنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇنداق قىلىش گۇناھ قىلغانلىق بولمايدۇ.
ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمە ئۈچۈن يامان ئويدا بولىسىلەر؟
خەلق بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ، ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ. ياشلار قېرىلارنى خورلايدۇ، پەسكەش ئادەملەر ئابرۇيلۇقلارنى مەنسىتمەيدۇ.»
ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا: _ داۋۇت ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى پايلاقچىلىق قىلىش، شەھەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.
مەن خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان ياۋاش قويغا ئوخشاپ قالغانىدىم. ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى، يەنى ئۇلارنىڭ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، مېۋىلىرىنى كۆزدىن يوقىتايلى! كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسمىنى كىشىلەر ياد ئەتمەيدىغان قىلىۋېتەيلى!» دېگەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم.
مىجەزى ئىتتىك ئادەم ئەخمىقانە ئىش قىلار، بەتنىيەت نەپرەتكە قالار.
سىلەرنىڭ خىيالىڭلارنى، ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتقان ھىيلە-مىكرىڭلارنى ياخشى بىلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: _ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغىن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزمىدىم، _ دېدى.
(مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.)
بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغاي.
مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەجەبا سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، باشقا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىمۇ؟