11 بۇ خۇددى بالىلىق ۋاقتىمىزدا بالىلارچە سۆزلەپ، بالىلارچە ئويلاپ، بالىلارچە مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭ بولغىنىمىزدا بالىلىقىمىزنى تاشلىغىنىمىزغا ئوخشاشتۇر.
قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.
يەنە ئېيتماقچى بولغىنىم: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، ئۇ تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش يېشىغا توشمىغۇچە، ئۇ بالىنىڭ ئۆينىڭ قۇلىدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يەنىلا خوجىدار ۋە بالىغا قارىغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.
ھەرقانداق ئىشتىن بىئارام بولما، ئازابلانما، چۈنكى ياشلىق ئۇزۇن تۇرمايدۇ، ئۇ بىھۇدىدۇر.
شۇ چاغقىچە پەرۋەردىگاردىن سامۇئىلغا تېخى ۋەھىي كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇ پەرۋەردىگارنى بىلمەيتتى.
شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى.
بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى كەلگەندە، بۇنداق چەكلىك قابىلىيەتلەرنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.
بىز سۇس كۆرۈنىدىغان ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى غوۋا كۆرىمىز. لېكىن، كەلگۈسىدە بولسا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر، ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن.