10 بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى كەلگەندە، بۇنداق چەكلىك قابىلىيەتلەرنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.
بىز سۇس كۆرۈنىدىغان ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى غوۋا كۆرىمىز. لېكىن، كەلگۈسىدە بولسا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر، ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن.
ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ. كۈن ئىزا تارتىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ.
چۈنكى، بۇ ئالاھىدە بىلىملەر چەكلىكتۇر. شۇنداقلا، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىمىزمۇ چەكلىكتۇر.
بۇ خۇددى بالىلىق ۋاقتىمىزدا بالىلارچە سۆزلەپ، بالىلارچە ئويلاپ، بالىلارچە مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭ بولغىنىمىزدا بالىلىقىمىزنى تاشلىغىنىمىزغا ئوخشاشتۇر.
بۇنداق دېيىش بىلەن، بۇ مەقسەتكە ئېرىشىپ بولدۇم ياكى كامالەتكە يەتتىم، دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مېنى نېمە مەقسەت بىلەن قۇتقۇزغان بولسا، مەنمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈۋاتىمەن.