كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 13:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 گەرچە مەن يەر-يۈزىدىكى ھەرقانداق تىلدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلىسەممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، سۆزلىرىم قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان داقا-دۇمباق ياكى يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىدەك بولۇپ قالىدۇ. Gade chapit la |
ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىلىمىمىز بار، دەپ قارايسىلەر. بىراق، بىلىمى كۆپ بولغان ئادەم تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، مېھىر-مۇھەببىتى كۆپ بولغان ئادەم بولسا قېرىندىشىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە پۇرسەت ئىزدەيدۇ.
يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ.
ھەممىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەنگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولىدىغان بىرەرسى بولمىسا، ئۇ چاغدا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشتىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتى كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ.