Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 12:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈرۈشتۈرگەن بىردىنبىر مۇقەددەس روھتۇر. مۇقەددەس روھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەربىر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 12:11
18 Referans Kwoze  

مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر.


خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى.


لېكىن، بىز ئۆزىمىزدە بار بولمىغان ھوقۇقلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. ماختانساقمۇ، خۇدانىڭ پىلانى دائىرىسىدە خىزمەت قىلىش بىلەن ماختىنىمىز. بۇ پىلان خۇش خەۋەرنى سىلەرگىمۇ يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


ئەيسا مەسىھ سېخىيلىق بىلەن ھەربىرىمىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.


خۇدانىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز ئارقىلىق ئۇلارنى قىلىۋاتقان خۇدا بىردۇر.


خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق.


ھەممە ئىش خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىز ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن پىلانى بويىچە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەئەللۇق بولۇشقا تاللاندۇق.


ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان سالاھىيەت بويىچە ياشاۋەرسۇن. بۇنى ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە بۇيرۇيمەن.


ئەلۋەتتە، ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماسلىقىڭلارنى خالايتتىم. لېكىن، بۇ ئىشتا ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى، خۇدا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بەزىلەرگە توي قىلىشنى، بەزىلەرگە بولسا توي قىلماي ئۆتۈشنى بەرگەن.


ھەمدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ھەربىرىمىزدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ئۇنىڭ سىلەرگە ۋەھىي ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئىشەنچ بىلەن بۇ ۋەھىينى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار.


دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى جاھىللاشتۇرىدۇ.


ئۆلگەنلەرنى ئاتىسى قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ.


يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.


شامال خالىغان يېرىدە چىقىدۇ، سىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىنىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز.


ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟»


شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى.


زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»


ھالبۇكى، خۇدا تېنىمىزدىكى ھەربىر ئەزانى ئۆز خاھىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite