Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 11:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئەگەر ئايال بېشىغا بىرنەرسە ئارتىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئۇ چېچىنى كەسكۈزۈۋەتسۇن. ۋەھالەنكى، بىر ئايالنىڭ چېچىنىڭ كېسىلىشى ياكى چۈشۈرۈلۈشى نومۇس ئىش بولغانىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئايال ئىبادەتكە قاتناشقاندا بېشىغا بىرنېمە ئارتسۇن.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 11:6
5 Referans Kwoze  

ئاياللار ئەرلەرنىڭ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇنداق ئىشتىن يىرگىنىدۇ.


روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ ئايالنىڭ چېچىنى چۇۋۇپ، كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەنى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسۇن، شۇنداقلا روھانىي لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان زەرداب سۈيىنى قولىغا ئېلىپ تۇرسۇن.


پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى.


بىر ئايال بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇمۇ ئۆز بېشى، يەنى ئۆز ئېرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايالدىن پەرقى يوقتۇر.


ئەرلەر بولسا ئىبادەتكە قاتناشقاندا، بېشىغا بىرنەرسە ئارتماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئەر خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان بولۇپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئايال بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite