Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 11:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇڭا، ئىبادەتكە قاتناشقاندا بىر ئەر بېشىغا بىرنېمە ئارتىپ دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇ ئۆز بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 11:4
11 Referans Kwoze  

داۋۇت ھەسرىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، يالاڭ ئاياغ مېڭىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يول بويى ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرمۇ باشلىرىنى يېپىپ، يىغلىشىپ تاغقا قاراپ مېڭىشتى.


شۇڭا، خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشتا ئەلچىلەرنى، ئىككىنچىسىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچىسىگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى.


يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ.


سىلەر ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن نومۇس ئىكەنلىكىنى تەبىئىي ھالدا بىلىسىلەرغۇ؟


بۇ چاغدا پادىشاھ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ: _ ئاھ ئوغلۇم ئابسالوم! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم! _ دەپ ئۈنلۈك يىغلاۋاتاتتى.


ئوغۇل ئاتىسىنى كەمسىتىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېيىنئانىسىغا قارشى چىقىدۇ. ھەركىمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىدۇر.


ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى.


بىر ئايال بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇمۇ ئۆز بېشى، يەنى ئۆز ئېرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايالدىن پەرقى يوقتۇر.


گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.


ئاراڭلاردا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرگە سەل قارىماڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite