Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 11:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 لېكىن، شۇنىمۇ بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ھەممە ئەرنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھتۇر. ئايالنىڭ بېشى ئەر، ئەيسا مەسىھنىڭ بېشى بولسا خۇدادۇر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 11:3
23 Referans Kwoze  

كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا مۇنداق دېدى: «ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭدا تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ.»


ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار.


ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.


سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇداغا مەنسۇپتۇر.


ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى سۆزلەپ، تەننىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھەرقايسى جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمىز.


ئەي ئاياللار، سىلەرمۇ ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، خۇداغا ئېتىقاد قىلىشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار ۋە پاك پەزىلىتىڭلارنى كۆرەلەيدۇ.


ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئۆزئارا بىرلىشىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.


سىلەر روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئۈستۈن تۇرغۇچى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىسىلەر.


سىلەر مېنىڭ: «مەن سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيسەڭلار، ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشال بولاتتىڭلار. چۈنكى، ئاتام مەندىن ئۇلۇغدۇر.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى.


بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە يېتەكچى سەردار قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم.


قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite