18 بىرىنچىدىن، سىلەر ئىبادەتكە جەم بولغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم.
چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟
مەن ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق ھەتتا بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن داۋاملىق بىر ئورۇندا يېتىپتۇ!
ئاراڭلاردا بىر ئېتىقادچىنىڭ يەنە بىر ئېتىقادچى ئۈستىدىن دەۋالىرى بولسا، ئۇنى ئېتىقادچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، خۇدانى تونۇمايدىغان سوراقچىغا ئەرز قىلىپ بارغىنى قانداق بولغىنى؟