كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 11:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 ئەگەر كىمدەكىم بۇ سۆزلەرگە قارشى چىقسا، مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بۇ بىز ئەزەلدىن ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدە. خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى جامائەتچىلىكمۇ بۇنى توغرا، دەپ قارايدۇ. Gade chapit la |
سىز ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈڭ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزىڭىز كۆتۈرۈڭ. قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قەسەملىرىنىڭ ئادا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خالايىق سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ تەۋراتقا رىئايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىدۇ.