5 شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈپ، جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا قالدى.
خۇدا قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟
بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.
شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ ئادەملەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى.
شۇڭا خۇدا قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، دېدىكى: «ئۇلارنى چۆللەردە يوقىتىمەن.
قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا: ‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»
ئى رەببىم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.
مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق
بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى.
خۇددى مەن ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ چۆللۈكىدە سوراق قىلغانغا ئوخشاش، سىلەرنىمۇ سوراق قىلىمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.