Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 10:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 سىلەر ھەم رەببىمىزنىڭ جامىدىكىدىن، ھەم جىنلارنىڭ جامىدىكىدىن ئىچسەڭلار بولمايدۇ. ھەم رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا، ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولساڭلار بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 10:21
8 Referans Kwoze  

ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.


ئىلياس خەلقنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار «ياھۋەھ»نى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، ئەگەر بائالنى ھەقىقىي خۇدا دەپ بىلسەڭلار، بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى. لېكىن خەلق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.


لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار،


بىز رەببىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان داستىخاندا جەم بولۇپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ جامدىكى شارابنى ئىچكەندە ۋە بىر ناننى بۆلۈشۈپ يېگەندە، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان بولغان تېنى ۋە قېنىنىڭ ھېسابىغا كەلگەن ئىلتىپاتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.


چۈنكى، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بىر ئېتىقادچى بۇتنىڭ خۇدا ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان سىلەرنىڭ بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان زىياپەتتە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يەۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرسە، سىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا ئۇ گۆشنى يېيىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، سىلەر ئۇنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا گۇناھ قىلىشىغا دەۋەت قىلغان بولۇپ قالمامسىلەر؟


نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite