Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 10:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 10:11
17 Referans Kwoze  

مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ.


ھازىر مۇھىم بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، بۇلارنى سىلەرگە دەۋاتىمەن. ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى. چۈنكى، بىزنىڭ دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇش كۈنىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى.


ئەزىز بالىلىرىم، زامان ئاخىرى بولۇپ قالدى. سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىرى مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭدىن زامان ئاخىرى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم.


خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى.


بۇ ئايەت يالغۇز ئىبراھىم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىدىغان بىزلەر، يەنى رەببىمىز ئەيسانى تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان.


بەزىلەردەك، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە جەم بولۇش ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايلى. ئەكسىچە، دائىم جەم بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى. بولۇپمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن: «كەلگۈچى پات يېقىندا كېلىدۇ، كېچىكمەيدۇ.


قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز قىستۇر. بۇندىن كېيىن، خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ئۆيلەنگەن ئەرلەر ئۆيلەنمىگەندەك، پۈتۈن نىيىتى بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلسۇن.


كېلىچەك بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلەڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، كەلگۈسىدە خەلقلەر مەدھىيەلىسۇن خۇدانى.


مەن غەزەپ بىلەن ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، سېنى ئاچچىقىم بىلەن قاتتىق جازالىغان ۋاقتىمدا، قوشنا ئەللەر تەرىپىدىن خورلۇق ۋە مەسخىرىگە قالىسەن. قوشنا ئەللەر سېنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، بۇ مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر.


ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان دۈشمەن شەيتاندۇر. ئورما ۋاقتى زامان ئاخىرى، ئورمىچىلار بولسا پەرىشتىلەردۇر.


ياۋا ئوتلار قانداق يۇلۇنۇپ ئوتقا تاشلانغان بولسا، زامان ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار.


ئۇلاردەك يامان ئىشلارغا بېرىلمەسلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك.


بۇ يەردە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بار. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. تەۋرات قانۇنى دەل سىناي تېغىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن يەھۇدىيلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىدۇ. ھەجەرنىڭ ئۆزى قۇل بولۇپ، بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سىناي تېغىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنى كەچتە ئۇلار لۇتنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، كىچىك قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ يەنە قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەچكە، يۈز بەرگەن ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite