Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 10:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1-2 قېرىنداشلار، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردىن چىققاندا چۆل-باياۋاندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ چاغدا خۇدا ئاتا قىلغان يول باشلىغۇچى بۇلۇتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بولۇپ، خۇدانىڭ مۆجىزىسى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزدىن ساق-سالامەت مېڭىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى خۇددى ئېتىقادچىلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىدەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسا پەيغەمبەرگە ئەگەشكۈچىلەردىن بولدى.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 10:1
29 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنگەنىدى.


پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى، تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىسرائىللار قىزىل دېڭىزدىن قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق، ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن مىسىرلىقلار ئۇشبۇ دېڭىزدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، سۇ ئۇلارنى غەرق قىلدى.


ئەگەر سىلەر بۇ ئەمرگە پەرۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ خۇدا تەرىپىدىن پەرۋا قىلىنمايسىلەر.


ئامان-ئېسەن قىلغاچ خۇدا ئۇلارنى، قورقۇنچتىن خالىي ماڭدى يولىنى، غەرق قىلدى دېڭىزغا دۈشمەنلىرىنى.


ئۇ يول ئاچتى دېڭىزنى يېرىپ، مېڭىپ ئۆتتى خەلقلەر قۇرغاق يولدىن. تەنتەنە قىلدۇق مىننەتدار بولۇپ خۇدادىن.


شۇنداقتىمۇ سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمىدىڭ. كۈندۈزى يول باشلىغان بۇلۇت تۈۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ.


پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى بۇرۇن ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتكۈچە ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەرگەندەك، بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە، ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەردى.


پىھاخىروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، چۆللۈككە كەلدى. ئېتام چۆللۈكىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ماراھتا قارارگاھ قۇردى.


ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان.


شۇ چاغدا بىر پارچە بۇلۇت ئۇچرىشىش چېدىرىنى قاپلىدى. چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولدى.


قېرىنداشلار، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەرگە كەلسەك، بۇلارنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى خالايمەن.


ئۇنىڭ خەتنە قىلىنىشى كېيىن بولدى. بۇ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ بۇرۇنلا ئېتىقادى بار بولۇپ، خەتنە پەقەت ئۇنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى.


دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر.


چۈنكى، ئېتىقادسىزلىق قىلساڭلار، دەرەخنىڭ ئەسلىدىكى شاخلىرىنى، يەنى يەھۇدىيلارنى ئايىمىغان خۇدا سىلەرنىمۇ ئايىمايدۇ.


شۇڭا ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئەجدادلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەپ چىڭ تۇرىسىلەر، - دېدى ئايال.


قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite