Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئېتىقادىڭلارنى تا ئاخىرغىچە مۇستەھكەملەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:8
29 Referans Kwoze  

ھەم شۇ ئارقىلىق، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىدە، سىلەرنىڭ ئاتىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئىرادەڭلارنى مۇستەھكەم قىلغاي!


بىراق، ھازىر خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.


شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىلەرنى يېڭى ھاياتلىق يولىغا يېتەكلىگەن خۇدا ئۆزى باشلىغان بۇ ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەيسا مەسىھ قايتا كېلىدىغان كۈنى تاماملايدۇ.


ئەمما، رەببىمىز ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ.


ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ھەرقانداق ئىللەت، گۇناھ ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالى قىلىپ، ئۇنى شان-شەرەپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا خۇددى تويدا كۆچۈرۈلۈشكە تەييارلانغان گۈزەل قىزدەك پاك ۋە ئەيىبسىز ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر.


بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر.


پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ.


شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-دە، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پاك ۋە ئەيىبسىز بولالايسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە قۇسۇرسىز ياشاشقا ھەمدە خۇدا بىلەن ئىناقلىقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىڭلار.


خۇدانىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان سەن كىم ئىدىڭ؟ ئۇلارغا ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى مەسئۇل. خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ياكى ئۇنى ئاقلاش خۇدانىڭ ئىشىدۇر. خۇدا ئۇنى ئەيىبسىز قىلالايدۇ. چۈنكى، رەببىمىز بۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.


چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى. تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى، بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى.


لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ.


سىلەر بىلەن بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم قىلغۇچى خۇدادۇر. ئۇ بىزنى ئۆزى ئۈچۈن تاللىدى.


سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى، پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى.


مەن شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، گەرچە سىلەر بىزنى ھازىرغىچە تولۇق چۈشەنمىسەڭلارمۇ، كەلگۈسىدە تولۇق چۈشەنگەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، خۇددى بىز سىلەر بىلەن پەخىرلەنگىنىمىزدەك، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى سىلەرمۇ بىز بىلەن پەخىرلىنىسىلەر.


ئۇ ئادەمنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇرۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ يامان يولدىن يېنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى قۇتقۇزۇلسۇن.


چۈنكى، چاقماق چېقىپ، ئاسماننى بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە قانداق يورۇتقان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ يېتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ.


يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدانىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئايان قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.


قىيامەت كۈنى، ھەركىمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ كۈنى، ھەممە ئادەمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قىممىتى ئوتتا سىنىلىدۇ.


بىزنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمىزدا ھېچقانداق يوشۇرۇن مەنە ياكى سىلەر چۈشىنەلمىگۈدەك يەر يوقتۇر.


ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىڭلار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ۋە پۇختا قۇرۇلغان بىناغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولسۇن. سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار. قەلبىڭلار خۇداغا بولغان مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن.


چۈنكى، سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، رەببىمىزنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز كېلىدۇ.


ئەگەر سىلەر «رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، قورقۇپمۇ كەتمەڭلار. بۇنداق سۆزنى قىلغۇچىلار مەيلى ئۇنى خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيدىن ياكى باشقىلارنىڭ تەلىمىدىن ئاڭلىدۇق ياكى بولمىسا بىزنىڭ نامىمىزدا يېزىلغان خەتلەردىن كۆردۇق دېسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار.


ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ..


قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ رەببىمىزنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. ئەفەس شەھىرىدە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان نۇرغۇن خىزمىتىدىن سېنىڭمۇ ئوبدان خەۋىرىڭ بار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite