7 سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھېچقانداق ھەدىيىدىن كەم قالمىدىڭلار.
ھالبۇكى، بىزنىڭ ھەقىقىي ماكانىمىز ئەرشتە. بىز ئەرشتىكى قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.
سىلەر قىيامەت كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن بار كۈچۈڭلار بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىڭلار. ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمان كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ئاسمان جىسىملىرىمۇ شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ يوقايدۇ.
شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى. ئۇ قايتا كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىز ھازىر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز، لېكىن كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى بىزگە ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، شۇ چاغدا ئۇ قانداق بولسا، بىز ئۇنى شۇ پېتى كۆرىمىز.
ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاق بولغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. ئۇ شان-شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرمۇ شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر.
بىز ئۇلۇغ خۇدا بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتا كېلىشىدىن ئىبارەت مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز.
يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدانىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئايان قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە.
ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ.
شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر.
شۇڭا، ئەقىل-ھوشۇڭلارنى يىغىپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-سائادەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار.
ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ.
شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ.
ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى دەل ئەيسا مەسىھتۇر.
ھاياتىڭلارنىڭ مەنبەسى بولغان ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئايان بولىسىلەر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.
خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئېچىشى كېرەك.
- ئۇ ۋاقىتتا، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغ ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنىڭ ئالدىغا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ.
ئى پەرۋەردىگارىم، قۇتقۇزۇشۇڭنى كۈتمەكتىمەن!
باشقا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا قىلغان، بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قىلمىغان بىردىنبىر «خاتالىقىم» سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىڭلارنى ئالمىغانلىقىمدۇر. بۇ «ئادالەتسىزلىك»~ىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر!
پەقەت پۈتكۈل مەۋجۇداتلا ئەمەس، ھەتتا مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىمىزگە سېلىنىشى بىلەن خۇدانىڭ كەلگۈسىدە بېرىدىغان شان-شەرىپىنى تېتىپ باققان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا ئاھ ئۇرماقتىمىز. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىز ئايان قىلىنىشى بىلەن بىرگە يېڭى تەنگە ئېرىشىشنى كۈتمەكتىمىز.
لېكىن، ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بىزلەر بولساق، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادەتلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.