Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە كۆپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزى ھەققىدە مول بىلىمگە ۋە بۇ بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان سۆز قابىلىيىتىگە ئىگە قىلدى.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:5
27 Referans Kwoze  

سىلەرنىڭ ھەمىشە مەردلىك بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن بەرىكەتلىك قىلىدۇ. بىز سىلەرنىڭ ئىئانەڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بەرگىنىمىزدە، ئۇلار خۇداغا تەشەككۈرلەر ئېيتىدۇ.


سىلەر ھەممە ئىشتا - ئېتىقاد يولىدا، سۆز قابىلىيىتىدە، خۇدا ھەققىدىكى بىلىم ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە بولغان قىزغىنلىقتا ۋە بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتتە ئالدىدا تۇرغاندەك، بۇ قېتىملىق ئىئانە قىلىشتىمۇ ئالدىدا تۇرۇڭلار.


بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئەيسا مەسىھكە مۇجەسسەملەنگەن.


مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن.


قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ياخشىلىققا تولغانلىقىغا ۋە ئۆزۈڭلارغا كېرەكلىك بىلىمگە تولۇق ئىگە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا قايىلمەن.


ئاراڭلاردا كىم ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، ئۇ ئۆز ھاياتىدا كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسەتسۇن.


يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ.


مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، خۇدا ماڭا توغرا سۆزلەرنى بەرگەي.


مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسى، يەنى شانۇشەۋكەتلىك خۇدائاتىمىز مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرگە دانالىق ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تونۇتقاي!


مۇقەددەس روھ بىر كىشىگە ئاقىلانە سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. يەنە بىر كىشىگە بولسا بىرەر ئىش توغرۇلۇق خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم بېرىدۇ.


ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!


مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى.


خۇدانىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شۇكى، خۇدا ئۆزى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەتنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئەبەدىلئەبەد كۆرسىتىشتۇر.


گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.


چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن.


مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان قابىلىيەت بولسا ھامان ئاخىرلىشىدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش ئاخىر توختايدۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ.


يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ.


ئاقىۋەتتە، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى سىلەرنىڭ بىلىمىڭلار تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇربان بولغان.


مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ.


دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئۇنداقتا خۇدا تاللىغان بارلىق ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشكەندە، دۇنياغا تېخىمۇ چوڭ بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟


ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.


قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite