Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 خۇدا، بۇ دۇنيادا مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەھمىيەتسىز، قەدىرسىز دەپ قارالغان ۋە كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئىشلارنى تاللىدى.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:28
19 Referans Kwoze  

ئۇ ھوقۇقدارلارنى تەكشۈرمەستىن يىقىتىپ، ئورنىغا باشقىلارنى قويالايدۇ.


بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ ئېيتقىنىدەك. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. چۈنكى، ئىبراھىم ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان خۇداغا ئىشەنچ باغلىدى.


ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.


سىلەرنى بويسۇندۇرماقچى بولغانلارنى ئىزدىسەڭلار، ئەمدى تاپالمايسىلەر. سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلار ئەمدى يوق.


ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.


بەربات بولدۇڭ شۇنچە كاتتا بايلىقلار بىلەن بىر سائەت ئىچىدىلا.» بارلىق كېمە باشلىقلىرى، كېمىدىكى يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ،


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.


سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپ، سىلەرنى گۈللەندۈرگەنلىكىدىن خۇشاللانغان پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سىلەرنى ھالاك قىلىپ، يوقاتقانلىقىدىن ئوخشاشلا خۇشاللىنىدۇ. سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنىڭلاردىن تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قومۇرۇپ تاشلىنىسىلەر.


ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىزنىڭ يەتكۈزۈۋاتقانلىرىمىزدا دانالىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ دانالىق دۇنيانىڭ دانالىقى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلىرىنىڭ دانالىقىمۇ ئەمەس؛


دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.


ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن.


ئۇنداقتا، قېنى ئۇ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۇ، ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى ئۇ، بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟


پەرزەنتلەرنىڭ تېنى گۆش بىلەن قاننىڭ گەۋدىسى بولغاچقا، ئەيسا مەسىھمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاش گەۋدىدە بولدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇ ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتاننىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite