Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 چۈنكى، خۇدانىڭ بۇ دانالىقىنى ئىنسانلار نادانلىق دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «نادانلىق» ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈن، خۇدانىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىنسانلار ئاجىز دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «ئاجىزلىق» ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كۈچلۈكتۇر.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:25
16 Referans Kwoze  

ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈز تۇتقانلارغا نىسبەتەن بىر ئەخمىقانىلىكتۇر. لېكىن، قۇتقۇزۇلۇش يولىدا مېڭىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، ئۇ خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىدۇر.


ئۇ قارىماققا ئاجىزلىق ئىچىدە كرېستكە مىخلانغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھاياتتۇر. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش قارىماققا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ ياشاپ، سىلەرگە خىزمەت قىلماقتىمىز.


پىرئەۋن ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويغان ۋاقىتتا، گەرچە ئىسرائىللارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنى بىلەن مېڭىشى مەنزىلگە يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى ئۇ يولغا باشلىمىدى. چۈنكى خۇدا: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، بەلكىم پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى.


چۈنكى، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شۇنى بەلگىلىگەنكى، ئىنسانلار ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ھەرگىز خۇدانى تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا «ئەخمىقانىلىك» دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنى قۇتقۇزۇشتۇر.


لېكىن، قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن نادانلار دەپ قارالدۇق، لېكىن سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى «ئەقىللىق» دەپ قاراۋاتىسىلەر. بىز ئاجىز دەپ قارالدۇق. لېكىن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادىمىز «كۈچلۈك» دەپ ھېسابلاۋاتىسىلەر. سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭلار، لېكىن بىز بولساق كەمسىتىلدۇق!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite