كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ. Gade chapit la |
قېرىنداشلار، ئەگەر مەن ئۇلار ئېيتقاندەك «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ داۋاملىق تەلىم بېرىپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا «قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېمىگەن بولاتتىم ھەم ئۇلارنىڭ غەزىپىنىمۇ قوزغىمىغان بولاتتىم.
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن نادانلار دەپ قارالدۇق، لېكىن سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى «ئەقىللىق» دەپ قاراۋاتىسىلەر. بىز ئاجىز دەپ قارالدۇق. لېكىن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادىمىز «كۈچلۈك» دەپ ھېسابلاۋاتىسىلەر. سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭلار، لېكىن بىز بولساق كەمسىتىلدۇق!