كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى20 ئۇنداقتا، قېنى ئۇ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۇ، ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى ئۇ، بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ Gade chapit la |
«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى.
سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن دانا چاغلاپ، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرسى خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچسۇن. بۇنداق بولغاندا، ئۇ گەرچە خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە «نادان» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرىدە دانا ھېسابلىنىدۇ.