كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈز تۇتقانلارغا نىسبەتەن بىر ئەخمىقانىلىكتۇر. لېكىن، قۇتقۇزۇلۇش يولىدا مېڭىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، ئۇ خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىدۇر. Gade chapit la |
سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنى بىز سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت بىلەن، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى سىلەر بىلىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن ئىدى.
«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى.
بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن نادانلار دەپ قارالدۇق، لېكىن سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى «ئەقىللىق» دەپ قاراۋاتىسىلەر. بىز ئاجىز دەپ قارالدۇق. لېكىن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادىمىز «كۈچلۈك» دەپ ھېسابلاۋاتىسىلەر. سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭلار، لېكىن بىز بولساق كەمسىتىلدۇق!