Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئەيسا مەسىھ مېنى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ناتىقلىق قىلىپ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. ئەگەر مەن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتسەم، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.

Gade chapit la Kopi




كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:17
13 Referans Kwoze  

قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە جاكارلىغىنىمدا، ناتىقلىق قىلغىنىم يوق، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلىغان سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتكىنىم يوق.


بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، دۇنيادىكى دانالاردىن ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز. بىز بۇنداق سۆزلەر بىلەن خۇدادىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىمىز.


بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە قايتا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنمىز.


دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ.


ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ.


(ئەمەلىيەتتە ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئەمەس، شاگىرتلىرى چۆمۈلدۈرەتتى.)


گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.


شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە بىرنەچچە كۈن تۇردى.


ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ كۆپ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى چۆمۈلدۈرۈۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەر پەرىسىيلەرگە يەتتى.


بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite