كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن. Gade chapit la |
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن.
قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم.