29 يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ئەشيا قاتارلىقلارغا قارايتتى.
ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى، نېپىز پېتىر نانلارنى، چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى.
_ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن.
بەزى لاۋىيلار ئىبادەتكە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا قاراشقا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ھەر قېتىم بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ چىققاندا ياكى ئەكىرىپ قويغاندا ئۇلارنىڭ سانىنى ئالاتتى.
پادىشاھ داۋۇتنىڭ روھانىيلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا ئامبار ۋە باشقا خىزمەتلەر ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىندى.