23 ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدا داۋاملىق دەرۋازىۋەنلىك قىلىپ كەلمەكتە.
لېكىن مەن يەنىلا ئۇلارنى ئىبادەتخانامنى قوغداش ۋە ئىبادەتخانامدىكى ھەر خىل يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلىشقا قويىمەن.
ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتىدى. مۇناجاتچىلار ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇت پادىشاھ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى.
ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقانداق ناپاك ئادەمنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى.
لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا، يەنى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرەتتى.
دەرۋازىغا قاراشقا جەمئىي 212 كىشى تاللانغانىدى. نەسەبنامىدا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېزىلار بويىچە خاتىرىلەنگەنىدى. پادىشاھ داۋۇت بىلەن غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تاپشۇرغانىدى.
ئىبادەتخانىنىڭ تۆت تەرىپىگە، يەنى شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىكى دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەر قويۇلغانىدى.
ئۇ ئادەم ماڭا: _ ئالدى جەنۇبقا قارايدىغان ئۆي ئىبادەتخانىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان روھانىيلار ئۈچۈن،
دەرۋازىۋەنلەر جەمەتلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم توپلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى توپتىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش ئۆز خىزمەتلىرىنى ئادا قىلاتتى.