Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 9:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 دەرۋازىغا قاراشقا جەمئىي 212 كىشى تاللانغانىدى. نەسەبنامىدا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېزىلار بويىچە خاتىرىلەنگەنىدى. پادىشاھ داۋۇت بىلەن غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تاپشۇرغانىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 9:22
18 Referans Kwoze  

ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.)


داۋۇت سۇلايمانغا يەنە روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى قانداق تەشكىللەش، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا قىلىدىغان خىزمەتلىرى ۋە ئۇلار خىزمەت قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەردى.


ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.


يەھۇدىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى لاۋىيلارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشى بەلگىلەندى.


نەرسىلەر ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى بويىچە خوتۇن ۋە بالىلىرىغىمۇ تارقىتىلىپ بېرىلەتتى. چۈنكى لاۋىيلار ئۆزلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن پاكلايتتى.


ئېدەن، مىنيامىن، يېشۇۋا، شىمايا، ئاماريا، شىكانيالار كورېنىڭ سادىق ياردەمچىلىرى بولۇپ، ئۇلار باشقا شەھەرلەردە ياشايدىغان روھانىيلارغا نەرسىلەرنى ئۆز توپلىرى بويىچە قېرى-ياش دېمەي، بۆلۈپ بېرەتتى.


مانا قارىغىن، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەيياردۇر. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە جان-دىلى بىلەن ساڭا ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.


لاۋىيلارنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلى ماتتىتيا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى پىشۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.


شىمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا (شىمايا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكيا (بەرەكيا ئەلقانانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، نىتوفانىڭ يېزىلىرىدا ياشىغانىدى).


ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدا داۋاملىق دەرۋازىۋەنلىك قىلىپ كەلمەكتە.


ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىغا دەرۋازىۋەنلەرنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقانداق ناپاك ئادەمنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى.


پادىشاھ داۋۇتنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى باشتىن-ئاخىر غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە پۈتۈلگەندۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite