Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 9:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 شىمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا (شىمايا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكيا (بەرەكيا ئەلقانانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، نىتوفانىڭ يېزىلىرىدا ياشىغانىدى).

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 9:16
11 Referans Kwoze  

ماتتانيا _ ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادى. ئۇ ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ۋە دۇئا قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلاتتى. باقبۇقيا ماتتانيانىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئابدا _ ئابدا شاممۇۋانىڭ ئوغلى، شاممۇۋا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى.


بەيتلەھەملىكلەر ۋە نىتوفالىقلاردىن 188 كىشى،


ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى.


بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىش خىزمىتىنى قىلاتتى. ئاساف، يىدۇتۇن ۋە ھېمان بىۋاسىتە پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىدا ئىدى.


يىدۇتۇننىڭ گىداليا، زىرى، يەشايا، شىمئى، خاشابيا ۋە ماتتىتيا ئىسىملىك ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لىرا چېلىپ، پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ھەمدۇسانا ئوقۇش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزەتتى.


پادىشاھ داۋۇت باش سەركەردىلىرى بىلەن بىرگە لاۋىيلاردىن بولغان ئاساف، ھېمان ۋە يىدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرىنى لىرا، چىلتار ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ۋەھىي يەتكۈزۈشكە تەيىنلىدى. بۇ نەغمىچىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى.


شىمون قەبىلىسىدىن 100‏7 باتۇر جەڭچى.


سالمانىڭ ئەۋلادلىرى: بەيتلەھەملىكلەر، نىتوفالار، ئاتروت-بەيتيوئابلار، ماناخاتلىقلارنىڭ يېرىمى ۋە زورئاھلار.


باقباققار، خەرەش، گالال ۋە ماتتانيا (ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زىكرىنىڭ ئوغلى، زىكرى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى)،


يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. شاللۇم ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite