Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




بىرىنچى قىسىم 9:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا. ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى.

Gade chapit la Kopi




بىرىنچى قىسىم 9:11
17 Referans Kwoze  

ۋە سىرايا. سىرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى، ئاخىتۇب بولسا ئىبادەتخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغانىدى.


بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ بېرىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق، خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى چالما-كېسەك قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.


مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي روھانىيلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپ قېلىشتى. «ئەمدى بۇ ئىش قانداق بولار» دەپ، ئۆز-ئۆزىدىن سوراشقا باشلىدى.


ئىممېرنىڭ ئوغلى روھانىي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنىڭ ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ يەرەمىيانىڭ نېمە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى.


روھانىيلاردىن: سىرايا، ئازاريا، يەرەمىيا،


خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەلئازارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنە بىر قىسمى ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغاچقا، چەك تاشلاش ئارقىلىق خىزمەتلەر ئادىل بۆلۈپ بېرىلدى.


ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ نەپەر دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىينى،


پادىشاھ يوشىيا باش روھانىي خىلقىيا، مۇئاۋىن روھانىيلار ۋە دەرۋازىغا قارايدىغان روھانىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىلاھ بائال، ئىلاھە ئاشېرا ۋە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۈللىرىنى بەيتەلگە ئاپارغۇزدى.


مانا بۇلار مىرارى جەمەتىدىكىلەرنىڭ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدۇر.


مانا بۇلار گېرشونلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىلىرىدۇر. ئۇلار روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلسۇن.


ئۇ ئالىي روھانىيلار ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا قانداق تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى.


ئۇلار پادىشاھ خىزكىيانى چاقىرتتى. خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى.


يىروخامنىڭ ئوغلى ئادايا (يىروخام پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئادىئېلنىڭ ئوغلى ماسايمۇ (ئادىئېل ياخزېرانىڭ ئوغلى، ياخزېرا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام مىشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مىشىللېمىت ئىممېرنىڭ ئوغلى) قايتىپ كەلگەنىدى.


ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى،


يىخىئېل، ئازازيا، ناخات، ئاسائېل، يىرىموت، يوزاباد، ئەلىئېل، يىسماكيا، ماخات ۋە بىنايالار كونانيا ۋە شىمئىغا ياردەملىشىپ، نازارەتچىلىك قىلدى. بۇلارنى پادىشاھ خىزكىيا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا بەلگىلىگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite